چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇ دې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ مەشھۇر رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. جۇ دې (1886-1976-يىللار). سىچۇەننىڭ يىلۇڭ دېگەن يېرىدىكى ياللانما دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ بېرىلىپ ئوقۇپ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدەنگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جۇدې

خەنزۇچە ئىسمى :朱德

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :سىچۈەن ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1886-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1976-يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى

شان-شەرەپلىرى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشالى ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن

شەخسلەر ئانكىتى

جۇ دې (1886-1976-يىللار). سىچۇەننىڭ يىلۇڭ دېگەن يېرىدىكى ياللانما دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ بېرىلىپ ئوقۇپ، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزدەنگەن. 1909-يىلى يۈننەن جياۋۇ مەكتىپىگە ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، يۈننەن قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە قوشۇنغا ئەگىشىپ سىچۇەنگە بارغان. 1915-يىلى يۈننەندە سەي ئې رەھبەرلىكىدىكى يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلغان دۆلەتنى قوغداش قوشۇنىنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەمدە دۆلەتنى قوغداش قوشۇنىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش لىنىيەسىدىكى تايانچلاردىن بولۇپ قالغان. 1917-يىلى، ئۇ يەنە سىچۇەندە دۈەن چىرۇيگە جازا يۈرۈشى قىلىنغان قانۇننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، كېيىن گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇغان. 

1922-يىلى جۇ دې گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە كىرگەن، كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1925-يىلى يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە بېرىپ موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1926-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي بۇيرۇققا بىنائەن نەنچاڭغا بېرىپ، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 3-جۈنىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش ئۆمىكىنى قۇرغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏