چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 19-ئەسىردە ئەنگلىيەنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئارانلا 26 يىل ياشىغان بىر رومانتىك شائىر ئۆتكەن. ئۇ جون كېتىس ئىدى. لېكىن ئۇ، كېيىنكىلەرگە نۇرغۇن مەشھۇر شېئىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جون كېتىس

خەنزۇچە ئىسمى :约翰·济慈

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

يۇرتى :لوندون

تۇغۇلغان ۋاقتى :1795-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1821-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى

كەسپى :يازۇچى ،شائىر

چەتئەلچە نامى :John Keats

مۇھىم تۆھپىسى :رومانتىزم شېئىرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى

ئىجادىيەت ھاياتى

جون كېتىس تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ شاگىرتى بولغان، يەنە لوندوندا دوختۇرخانىدا پراكتىكانت ۋە دوختۇر ياردەمچىسى بولغان. ئۇنىڭدا شېئىرغا كۈچلۈك قىزىقىش بولغاچقا، 1816-يىلىدىن كېيىن، تېبابەتنى تاشلاپ، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 

كېتىس تەبىئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئۇ تەبىئىي مەنزىرىلەر ۋە شەيئىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چىرايلىق، خۇددى سۈرەتتەك تەسۋىرلەيتتى ھەم تەسەۋۋۇرغا باي ئىدى. كېتىس «گۈزەللىكنىڭ ئۆزى ھەقىقەت، ھەقىقەتمۇ گۈزەل بولىدۇ» دەپ قارايتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىدە زەڭگەر ئاسمان، ئالتۇن رەڭ كەچكى شەپەق، چىرايلىق گۈللەر، شوخ قۇشقاچلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سۈرەت ياكى يېقىملىق مۇزىكىلاردۇر. ئۇ يۇناننىڭ قەدىمكى ئىدىشلىرىدىن «ئەزەلدىن باھاردىن ئايرىلالمايدىغان»، «بەختلىك دەرەخ» ۋە «نەينى يېقىملىق چېلىۋاتقان»، «دەرەخ ئاستىدىكى چىرايلىق ئۆسمۈر» نى كۆرەلەيدۇ؛ تومۇزغا بىلەن قارا چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلداشلىرىدىن «زېمىننىڭ بۇ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان ناخشىسى» نى ئاڭلىيالايدۇ. بۇ شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئېستېتىكىلىق قابىلىيىتى ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىسى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏