چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لۇيوۋ (1125-1210-يىللار) نىڭ تەخەللۇسى ۋۇگۇەن، لەقىمى فاڭ ۋېڭ، جېجياڭ شەنيىڭ(ھازىرقى شاۋشىڭ) لىق. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى دەل مىللىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى خەۋپكە دۇچ كەلگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى لۇ زەي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىگە ئىگە زىيالىي.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لۇيوۋ

خەنزۇچە ئىسمى :陆游

مىللىتى :خەنزۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1125-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1210-يىلى

كەسپى :شائىر

تەخەللۇسى :ۋۇگۇەن

لەقىمى :فاڭ ۋېڭ

شەخىس ھەققىدە 

لۇيوۋ«ئۆلگەندە ھەممە تۈگەرىنى بىلسەممۇ ئەسلىي، ئۆكۈنىمەن بىرلەشتۈرەلمەي توققۇز ئىقلىمنى. ئۆيدىكىلەر پېقىرغا بەرسىكەن نەزىر، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىنچىغان كۈنى.» نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەر بۇ شېئىرنى ھەربىر ئوقۇغىنىدا كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قوزغاپ، تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇيوۋ. 

لۇيوۋ (1125-1210-يىللار) نىڭ تەخەللۇسى ۋۇگۇەن، لەقىمى فاڭ ۋېڭ، جېجياڭ شەنيىڭ (ھازىرقى شاۋشىڭ) لىق. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى دەل مىللىي زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن، دۆلەتنىڭ ئەھۋالى خەۋپكە دۇچ كەلگەن ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى مەزگىلىگە توغرا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى لۇ زەي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىگە ئىگە زىيالىي ئىدى، ئۇ سۆز ۋە ھەرىكىتى بىلەن تەربىيە بېرىپ، لۇيوۋ دە كىچىكىدىنلا دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىدىيىنى، دۇشمەننى يوقىتىپ، دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏