چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1989-يىلى9-ئايدا ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە خۇاڭ جىخۇڭ73.20 مېتىرلىق ئەلا نەتىجە بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار چويۇن توپ تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالغان. بۇ، جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا ئاسىيانىڭ تۇنجى يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا چېمپىيونلۇقىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :خۇاڭ جىخۇڭ

خەنزۇچە ئىسمى :黄志红

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :جېجياڭنىڭ لەنشى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1965-يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :1.74مېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى :100 كىلوگىرام

تەنھەرىكەت تۈرى :چويۇن توپ

كەسپى ھاياتى

خۇاڭ جىخۇڭ جېجياڭنىڭ لەنشى ناھىيەسىدىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا بېجىرىم چوڭ بولغان. ئۇ ئادەتتىكى قىزلاردىن خېلىلا كۈچلۈك ئىدى، ئەمما دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن دەسلەپكى نەچچە يىلدا ترېنېرلارنىڭ كۆپ قېتىم ئالمىشىشى، پۇتى زەخىملىنىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى تۈپەيلى تازا ئىلگىرىلىيەلمىگەن. 1983-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەر يىلى بىر مېتىردىن دېگۈدەك يۇقىرى ئۆرلىگەن. 1985-يىلى 18 مېتىرلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم چوڭلارنىڭ چېمپىيونلۇق تەختىگە چىققان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏