چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لۇشۈن دوستويېۋسكىي (1821-1881-يىللار) توغرىسىدا توختالغاندا، رەھىمسىز، سوغۇق قان ماقالىلىرى بىلەن قاتتىق روھىي جازا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روھىنى سوراققا تارتتى، دېگەنىدى. دوستويېۋسكىي بىر دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1843-يىلى پېتربورگ ھەربىي قۇرۇلۇش مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، قۇرۇلۇش كارتوگرافىيە ئورنىدا بىر يىل ئىشلىگەن، كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دوستويېۋسكىي

خەنزۇچە ئىسمى :费奥多尔·米哈伊洛维奇·陀思妥耶夫斯基

دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1821-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1881-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى

كەسپى :يازغۇچى

ئىجادىيەت ھاياتى

ئۇ  1846-يىلى ئېلان قىلىنغان «كەمبەغەل» دېگەن رومانى بىلەن تونۇلغان. بۇ مەكتۇپ شەكلىدىكى روماندا ياشانغان مەمۇر ماكار دېۋىشكىن بىلەن كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، پاھىشە بولۇشقا مەجبۇرلانغان ياش قىز ۋارۋارا توبورۇشلىۋانىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەن ھېكايىسى بايان قىلىنغان. ئۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈنىدۇ، بىر-بىرىنى سۆيىدۇ، لېكىن ئىقتىسادىي شارائىت سەۋەبىدىن دېۋىشكىن ۋارۋارانى بۇ دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمايدۇ، ۋارۋارا ئامالسىز پومېشچىككە كىچىك خوتۇن بولىدۇ. رومان «كىچىك شەخسلەر» گە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغانلىقى ۋە باش قەھرىماننىڭ پسىخىكىسىنى ئىنچىكە سۈرەتلەپ بەرگەنلىكتىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بېلىنىسكىي بۇ روماننى ماختاپ، رۇسىيە ئەدەبىياتى تارىخىدا «ئىجتىمائىي روماننىڭ تۇنجىسى» دېگەنىدى. 

لېكىن، دوستويېۋسكىينىڭ ئەدەبىي يولى تەكشى بولمىغان. 1849-يىلى ئۇ بىر ئاكتىپ تەشكىلاتنىڭ يىغىلىشىغا قاتناشقانلىقى ۋە بېلىنىسكىينىڭ گوگۇلغا يازغان خېتىنى ئۈنلۈك ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. دەل جازا ئىجرا قىلىنىدىغان چاغدا، چار پادىشاھ كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىپ، ھۆكۈمنى ئېغىر ئەمگەككە سېلىش ۋە ئەسكەرلىككە پالاشقا ئۆزگەرتكەن. شۇڭا، ئۇ سىبىرىيە قاتارلىق جايلاردا تۆت يىل ئېغىر ئەمگەك قىلغان ۋە بەش يىل ئەتراپىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 10 يىلغا يېقىن سەرگەردانلىق تۇرمۇشى ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىنلا كاردىن چىقىرىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىنىمۇ تەۋرىتىپ قويغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏