چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش خۇسەي مارتى (1853-1895-يىللار) كۇبا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ داھىيىسى ھەم كۇبانىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرى ۋە يازغۇچىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :خۇسەي مارتى

خەنزۇچە ئىسمى :何塞·马蒂

دۆلەت تەۋەلىكى :كۇبا

يۇرتى :ھاۋانا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1853- يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1895-يىل

كەسپى :شائىر، سىياسىئون

چەتئەلچە نامى :José Julián Martí Pérez

شەخسلەر ئانكىتى

خۇسەي مارتىخۇسەي مارتى (1853-1895-يىللار)  نامرات ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 16 يېشىدىن باشلاپ، كۇبانىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرى ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا بەل باغلىغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «ھۆر ۋەتەن» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى، «ۋەتەن گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى كۆككە كۆتۇرگەن، كۇبا ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى قۇرغان، قوراللىق قوزغىلاڭنى قوزغىغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1895-يىلى 5-ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏