چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كېسەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققان بۇ ئارتىس دەل فرانسىيەنىڭ 17-ئەسىردىكى كلاسسىزملىق كومېدىيە يازغۇچىسى، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن سەھنە ئەسىرىنىڭ ئاپتورى، قوشۇمچە رېژىسسورى موللىئېر (1622 −1673-يىللار) ئىدى.موللىئېر ئۆمرىدە 30 سەھنە ئەسىرى يازغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ساختىپەز»، «دون خۇئان» ۋە «بېخىل».

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :موللىئېر

خەنزۇچە ئىسمى :让-巴蒂斯特·波克兰

باشقا نامى :莫里哀

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

يۇرتى :پارىژ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1622-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1673-يىلى

كەسپى :كومېدىيە يازغۇچى، ئارتىس، دراما پائالىيەتچى

ۋەكىللىك ئەسىرى :«ساختىپەز»، «دون خۇئان» ۋە «بېخىل»

شەخىسلەر ئانكىتى 

موللىئېر1673-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى خانلىق تىياتىرخانىسىدا «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن يېڭى ئەسەر قويۇلۇۋاتاتتى، تىياتىرخانا بوش ئورۇن قالماي مىسلىسىز تەنتەنىگە چۆمۈلگەنىدى. باش رولدا ئوينايدىغان بىر ئارتىس گەرچە ئېغىر ئۆپكە كېسىلى بولسىمۇ، خوتۇنى بىلەن ئىشداشلىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، كېسەل ھالەتتە سەھنىگە چىقتى ۋە رولنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىدى، تاماشىبىنلار توختىماي قىزغىن چاۋاك چېلىپ تۇردى. لېكىن، 4-پەردىگە كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز قان قۇسۇپ يىقىلىپ چۈشتى. تۆت سائەتتىن كېيىن ئۇنىڭ نەپىسى توختىدى. كېيىن، فرانسىيە ئۆلىمالار مەھكىمىسى مەھكىمىنىڭ چوڭ زالىغا ئالاھىدە ئۇنىڭ تاش ھەيكىلىنى ئورناتتى، ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ شۆھرىتىگە ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز ئۈچۈن ئۇ كەم بولۇپ قالدى» دەپ بېغىشلىما يېزىلدى. كېسەل تۇرۇپ سەھنىگە چىققان بۇ ئارتىس دەل فرانسىيىنىڭ17-ئەسىردىكى كلاسسىزملىق كومېدىيە يازغۇچىسى، «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش» دېگەن سەھنە ئەسىرىنىڭ ئاپتورى، قوشۇمچە رېژىسسورى موللىئېر (1622-1673-يىللار) ئىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏