چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چارلېز دىككېنس (1812-1870-يىللار) دۇنياغا مەشھۇر ئەنگلىيە يازغۇچىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چارلېز دىككېنس

خەنزۇچە ئىسمى :查尔斯·狄更斯

باشقا نامى :狄更斯

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1812-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1870-يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنى

كەسپى :يازغۇچى

چەتئەلچە نامى :Charles Dickens

ئاساسلىق مۇۋەپپىقىيتى :19-ئەسىردىكى ئەنگلىيە رېئالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىلى

شەخسلەر ئانكىتى

دۇنياغا مەشھۇر ئەنگلىيە يازغۇچىسى چارلېز دىككېنس (1812-1870-يىللار) پەقەت بىرنەچچە يىللا ئوقۇغان. دادىسى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاچقا قەرز ئىشلىرى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولىنىپ قالغان، ئۇ 10 يېشىدىن باشلاپلا ھەم ئۇكا-سىڭىللىرىغا قارىغان، ھەم تۈرمىگە بېرىپ دادىسىنى يوقلاپ تۇرغان. ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بالا ئىشچى بولغان، ئېلان مودېلى بولغان، يەنە ئادۋوكاتلار ئىش ئورنىدا خەت توشۇغۇچى بولغان. . . 

دىككېنس تىرىشىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە تايىنىپ، 1831-يىلى گېزىتچىلىك ساھەسىگە كىرگەن، دائىم پارلامېنتقا بېرىپ زىيارەت قىلىش، پالاتانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور ۋەقەلەر توغرىسىدىكى مۇنازىرىلىرىنى خاتىرىلەش، ئەمەل سورۇنىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە چىرىكلىكنى ئاڭلاش، كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاخبارات خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. دەسلەپتە بەزىبىر پارچە-پۇرات خاتىرىلەرنى يېزىپ يۈرگەن، ئۇسلۇبى يۇمۇرلۇق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى لوندوننىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتى ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن، بۇلار «مېھىر-شەپقەت خاتىرىلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن. دىككېنس جەمئىي 14 رومان ۋە نۇرغۇن پوۋېست، ھېكايە ۋە فېليەتون، ساياھەت خاتىرىسى، درامىلارنى ئېلان قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏