چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۇ فۇ (712-770-يىللار) ، تەخەللۇسى زىمېي، نەسەب نامى دۇ شاۋلىن، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيىسىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋۋەن كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ شېئىر ئىجادىيىتىگە بىر ئۆمۈر ئىشتىياق باغلىغاچقا، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۇنى شائىرلار پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ «شېئىرىيەت ئەۋلىياسى» دەپ ئاتاشقان.دۇ فۇ(712-770-يىللار) ، تەخەللۇسى زىمېي، نەسەب نامى دۇ شاۋلىن، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيىسىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋۋەن كەنتىدە تۇغۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دۇ فۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :712-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :杜甫

ۋاپات بولغان ۋاقتى :770-يىل

باشقا نامى :دۇ شاۋلىن

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

ياشىغان زامان :تاڭ سۇلالىسى

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەس

كەسپى :شائىر

ھاياتى ئۆمرى

دۇ فۇ  (712-770-يىللار) ، تەخەللۇسى زىمېي، نەسەب نامى دۇ شاۋلىن، خېنەن ئۆلكىسى گۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ياۋۋەن كەنتىدە تۇغۇلغان. دۇ فۇ ياش چاغلىرىدىلا «خانغا يول كۆرسىتىپ، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش» تەك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىرادىسىنى تىكلىگەن. 20 ياشقا كىرگەندە دۇ فۇ جەنۇبتا جېجياڭنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن مەشھۇر جايلارنى، ئاسار ئەتىقىلەرنى كۆرگەن، گۈزەل تاغ-دەريالارنى ساياھەت قىلغان، ئەمەلىي بىلىمىنى ئاشۇرغان، كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيىۋى ئاساس ۋە تۇرمۇش ئاساسى سالغان.

دۇ فۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىرادىسى ۋە مول بىلىم-ئىستېداتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەنسەپ تۇتۇش يولى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. ئۇ كېجۈ ئىمتىھانى ئارقىلىق بىرەر ئەمەلگە ئېرىشىشنى ئويلىغانۇ، زادىلا ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. ئۇ مەنسەپدارلارنىڭكىگە كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلغان، نەتىجىدە، ھەممىلا يەردە مىخقا ئۈسۈۋالغان، تۇرمۇشى بارغانسېرى قىيىنلاشقان، «پايتەختتە دورا سېتىپ، ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭكىدە كۈن ئالىدىغان» ھالغا چۈشۈپ قالغان.

سىياسىي جەھەتتىن ئىخلاسى قايتىش، تۇرمۇشتىكى نامراتلىق ئۇنى تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچى خەلق بىلەن يېقىنلىشىش، ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش، شۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى زۇلمەتنى چۈشىنىش، رېئالىستىك بۈيۈك شائىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏