چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دېڭ شياۋپىڭ 1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1997-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، پارتىيىمىز ۋە ئارمىيىمىزنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ ئىجادچىسى.سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسىسىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەس

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دېڭ شياۋپىڭ

خەنزۇچە ئىسمى :邓小平

باشقا نامى :邓先圣,邓希贤

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1997-يىل 2-ئاينىڭ 19-كۈنى

كەسپى :ئىنقىلابچى، سىياسىئون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :موسكۋا جۇڭشەن ئۇنۋېرستىتى

شەخسلەر ئانكىتى

دېڭ شياۋپىڭ 1904-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭئەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەزاسى ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچىسى. 1-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، غەربىي شىمال ئىنقىلابىي ئارمىيىسىدە سىياسىي خىزمەتكە مەسئۇل بولغان، كېيىن ۋۇخەنگە كېلىپ، «7-ئاۋغۇست» يىغىنىغا قاتناشقان.

2-قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە، بەيسې قوزغىلىڭى ۋە لۇڭجۇ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ 7-جۈنى، 88-جۈنى ۋە يۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىنقىلابىي بازىلارنى قۇرغان.

مەركىزىي ئىنقىلابىي بازىغا كەلگەندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا لۇشيەنىنى ھىمايە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەينى چاغدىكى پارتىيە ئىچىدىكى سولچىل رەھبەرلەر تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ كېيىن قىزىل ئارمىيىنىڭ باش سىياسىي بۇسىغا كېلىپ ئىشلىگەن، ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان؛ بۇ جەرياندا زۇنيى يىغىنىغا قاتناشقان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ليۇ بوچېڭ بىلەن بىللە قىسىمنى باشلاپ شەنشى، خېبېي، خېنەن قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي بازا قۇرغان، 129-شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شىمالىي بيۇرو تەيخاڭ شۆبىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، كېيىن شىمالىي بيۇرونىڭ شۇجىلىقىنى ۋاكالىتەن ئۆتىگەن ھەمدە 8-ئارمىيە باش شتابىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ئىنقىلابىي بازىلارغا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. پارتىيەنىڭ 7-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شەنشى، خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بيۇروسىنىڭ شۇجىسى بولغان. ليۇ بوچېڭ بىلەن بىللە ماۋزېدۇڭ نىڭ ئىچكى لىنىيىدە ئۇرۇش قىلىشتىن تاشقى لىنىيەدە ئۇرۇش قىلىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرىگە ئاساسەن، زور قوشۇننى باشلاپ خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ دابيېشەندىن ئۆتۈپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان؛ ئىستراتېگىيىلىك ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش باسقۇچىدا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دالا ئارمىيىسى ۋە شەرقىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان باش ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو بيۇروسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى بولغان، ئۈچ چوڭ ئۇرۇشنىڭ بىرى بولغان خۇەيخەي ئۇرۇشىغا قاتناشقان، چاڭجياڭدىن ئۆتۈش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، نەنجىڭ، شاڭخەي ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى بىرنەچچە ئۆلكىنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئاندىن يەنە قوشۇن باشلاپ غەربىي جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، شىزاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىشقا قاتنىشىپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنى ئازاد قىلىشتەك بۈيۈك ئىشنى تاماملىغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏