چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زولا (1840-1902-يىللار) فرانسىيە ناتۇرالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :زولا

خەنزۇچە ئىسمى :爱弥尔·左拉

باشقا نامى :埃米尔·左拉

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

يۇرتى :فرانسىيە پارىژ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1840-يىل 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1902-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

كەسپى :يازغۇچى، جامائەت ئەربابى

چەتئەلچە نامى :émile Zola

شەخسلەر ئانكىتى

19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى فرانسىيە دە پەن-تېخنىكا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىلىم-پەندىكى تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى تېبابەت، بىئولوگىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت پەنلىرىدە قوللىنىلىشقا باشلىدى. زولا (1840-1902-يىللار) دەۋر كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، روماندا ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق يېزىش كېرەك، رومان يېزىش خۇددى تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلىگەنگە ئوخشاش بولۇشى، ئىجتىمائىي قانۇنىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقى لازىم، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە چىنلىقىنى تەكىتلەپ، تۇرمۇشتىكى بارلىق ئۇششاق ھالقىلارنىمۇ ساپ، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە بىلەن، قىلچە چۈشۈرۈپ قويماي سۈرەتكە تارتىشى، يازغۇچى جەمئىيەتكە پارتىيە، گۇرۇھلاردىن، سىياسىيدىن ھالقىغان ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى، ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئاشكارىلىماسلىقى ھەم شەيئىلەر ئۈستىدە يەكۈن چىقارماسلىقى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلدى. زولا فرانسىيە ناتۇرالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏