چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياڭ زېڭشىن (1928-1864)، تەخەللۇسى دىڭ چىڭ، ئەسلى يۇرتى جياڭسۇ شاڭيۈەن(جياڭنىڭ ناھىيەسى) بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يۈننەنگە كۆچۈپ بارغان. ياڭ زېڭشىن 1864-يىلى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتىدە پومېشچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يەرلىك ئەمەلدار ۋە چوڭ يەر ئىگىسى ئىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ياڭ زېڭشىن

خەنزۇچە ئىسمى :杨增新

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1864-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

كەسپى :ئۆلكىلىك رەئىس

تەخەللۇسى :دىڭ چىڭ

شەخىسلەر ئانكىتى 

ياڭ زېڭشىنياڭ زېڭشىن (1928-1863)، تەخەللۇسى دىڭ چىڭ، ئەسلى يۇرتى جياڭسۇ شاڭيۈەن (جياڭنىڭ ناھىيەسى) بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يۈننەنگە كۆچۈپ بارغان. ياڭ زېڭشىن 1863-يىلى يۈننەننىڭ مىڭزى ناھىيە مۇبىيە كەنتىدە پومېشچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يەرلىك ئەمەلدار ۋە چوڭ يەر ئىگىسى ئىدى. ياڭ زېڭشىن كىچىكىدىن خېلى زېرەك، بىلىمگە قىزىقىدىغان بولۇپ، بالا ۋاقتىدىلا «چاھار كىتاب»، «بەشنامە» لارنى ئوقۇغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي دەۋرىدە (1888-يىلى)، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، فېئودال خانلارنى مەدھىيلەيدىغان «باگو» ماقالىسىنى يېزىپ (1889-يىلى)، «تەشرىپدار» لىققا ئۆتكەن ۋە ئوردا ئەمەلدارى(كىچىك ئەمەلدار) بولغان. 

كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇ، بۇيرۇق بىلەن گەنسۇغا ئەۋەتىلىپ، تيەنشۈي ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. كېيىن خېجۇ (نڭشا) دا ئەمەلدار بولغان. ئۇ خېجۇدا يەتتە يىل خىزمەت ئۆتىگەندىن كېيىن، گۇاڭشۈينىڭ ئاخىرق يىللىرى گەنسۇدىكى مەكتەپلەرنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان. كېيىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكىگە ئۆسكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏