چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فرانسىيەدە ھېسسىياتچان، ئەدەبىياتقا تولىمۇ ھېرىسمەن، دائىم مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يېزىپ، ئانا تەبىئەتنى قانماي مەدھىيىلەيدىغان بىر ياش ئادۋوكات ئۆتكەن. ئۇ ئەسلىدە ئۆمرىنى ئارامخۇدا ئۆتكۈزسە تامامەن بولاتتى، ئەمما ئۇ باراۋەرلىك، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 36 ياشقا كىرگەن تازا نەۋقىران چاغلىرىدا جازا مەيدانىغا چىقىپ قالغان. بۇ يىگىت دەل فرانسىيىدە ياكوبىنچىلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدىكى ئۇلۇغ رەھبەر ماكسىمىليان روبېسپېردۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :روبېسپېر

خەنزۇچە ئىسمى :马克西米连·罗伯斯庇尔

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1758-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1794-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

كەسپى :ئادۋوكات، سىياسىئون

چەتئەلچە نامى :Maximilien Fran?ois Marie Isidore de Robespierre

شەخسلەر ئانكىتى

روبېسپېرروبېسپېر (1758-1794-يىللار) فرانسىيەدىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋولتېر، مونتېسكيۇ، دىدېرو قاتارلىقلارنىڭ فېئودالىزمغا قارشى نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى زېرىكمەي ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كىشى يەنىلا رۇسسو. ئۇ رۇسسونى مەخسۇس زىيارەت قىلغىلى بارغان،

 66 ياشلىق رۇسسو بىلەن 20 ياشلىق روبېسپېر بىر كۆرۈشۈپلا خۇددى قەدىناسلاردەك بولۇپ كەتكەن ھەمدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق سىرداشقان. بۇ قېتىمقى دىدارلىشىش روبېسپېرنىڭ سىياسىي كۆزقارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا رۇسسونىڭ ئىدىيىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلىغان. ئادۋوكاتلىق قىلغان سەككىز يىلدا، بوزەك قىلىنىپ ئېزىلىۋاتقان ئەمگەكچى خەلقنى ئاقلاپ، ئۇلارنى ئۇۋالچىلىقتىن خالاس قىلىپ، كاتتا ھۆرمەت تاپقان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، شىددەتلىك ئىنقىلاب ئېقىنىغا ئاتلانغان. ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇپ قالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏