چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «ئاشۇ دارازىلار بەلكىم ساندىنونىڭ بويى پاكار، كاتتا ئەمەلدار بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. مېنىڭ بويۇم پاكار، ئەمما ۋەتەنپەرۋەرلىكىم چەكسىز يۈكسەك. ۋەتەنگە، تارىخقا شۇنداق قەسەم بېرىمەنكى، مەن ۋەتەننىڭ شان-شەرىپىنى قىلىچىم ئارقىلىق قوغدايمەن». بۇ تەنتەنىلىك قەسەم نىكاراگۇئانىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي قەھرىمانى ساندىنونىڭ ئېغىزىدىن چىققان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ساندىنو

خەنزۇچە ئىسمى :桑地诺

يۇرتى :نىكاراگۇئانىڭ نىكىنوئومو شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1893-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1934-يىل

كەسپى :ئىنقىلابچى

شەخسلەر ئانكىتى

ساندىنو (1895-1934-يىللار) نىكاراگۇئانىڭ نىكىنوئومو شەھىرىدە تۇغۇلغان. نىكاراگۇئا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بۇرۇنلا ئامېرىكىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قېلىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏