چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «ئۇ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئۈلگە ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن كۆپ، ئۇ پاچاقلاپ تاشلىغان كونا قۇرۇلما ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن كۆپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ قىياپىتىنى باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا شۇ قەدەر تېز ۋە زور دەرىجىدە ئۆزگەرتكەن»، ئەمما ئۇ يەنىلا بىر «ئەنئەنىۋى ئامېرىكىلىق». بۇ، ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇخبىر گېدارد جونسوننىڭ ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى فرانكلن روزۋېلتقا بەرگەن باھاسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :روزۋېلت

خەنزۇچە ئىسمى :富兰克林·德拉诺·罗斯福

باشقا نامى :FDR,小罗斯福

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

يۇرتى :نيۇيورك

تۇغۇلغان ۋاقتى :1882-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :9451-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى

كەسپى :سىياسىئون

چەتئەلچە نامى :Franklin D. Roosevelt

شەخسلەر ئانكىتى

روزۋېلت (1882-1945-يىللار) ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، بالىلىق چاغلىرىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ سەيلە-ساياھەت قىلىپ، ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بارغان. سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغاندىن كېيىن قالتىس ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، تېزلا مەملىكەت بويىچە داڭلىق سىياسىي ئەرباب بولۇپ قالغان. شۇ كۈنلەردە يۇلۇن ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىككى پۇتى پالەچ بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ كېسىلىنى داۋالىتىپ، جاپالىق مەشىق قىلغان. يەتتە يىل بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ گەرچە قوش ھاسا بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقتىن ئايرىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىكى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىپ، نيۇيورك شتاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، يەنى 1933-يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان.

قائىدە بويىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايتتى، ئەمما بۇ زۇڭتۇڭ ئۇدا تۆت نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدا بۇنداق ئۇزاق ۋەزىپە ئۆتىگەن زۇڭتۇڭدىن يەنە بىرى يوق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏