چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1903-يىلى 7-ئايدا، چىڭ ھۆكۈمىتى شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە كونسېسسىيىسى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، 19 ياشلىق بىر جۇڭگولۇق ياشنى «ئىنقىلابىي ئارمىيە» دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئىنقىلابقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلدى. بۇ ياش دەل «ئىنقىلابىي ئارمىيەدىكى تۇلپار» دەپ ئاتالغان زۇ رۇڭ (1885-1905-يىللار) دۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :زۇ رۇڭ

خەنزۇچە ئىسمى :邹容

باشقا نامى :绍陶,又名桂文

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :سىچۇەن چۇڭچىڭ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1885-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1905-يىل

كەسپى :ئىنقىلابچى

شەخسلەر ئانكىتى

زۇ رۇڭ (1885-1905-يىللار)  سىچۇەننىڭ باشيەن ناھىيەسى (ھازىرقى چۇڭچىڭ) دىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا فېئوداللىق تۈزۈمگە دادىللىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان، بەس-مۇنازىرە قىلىشقا ئامراق، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان بولۇپ چوڭ بولغان. 18 يېشىدا ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇپ، تېزلا ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئاكتىپلىق بىلەن ئىنقىلابنى تەرغىب قىلىدىغان ئىلغارلاردىن بولۇپ قالغان. ئەينى چاغدا، ياپونىيە دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىدىغان ياۋ ۋېنفۇ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە پات-پات بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى، زۇ رۇڭ بىرنەچچە ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىشىپ ياۋ ۋېنفۇنى تازا دۇمبالاپ، ئۇنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى كېسىۋالغاندىن كېيىن، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىناسىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويغان ھەمدە يېنىغا چوڭ قىلىپ «ياۋ ۋېنفۇ دېگەن ھايۋاننىڭ ئۆرۈمە چېچى» دېگەن خەتنى يېزىپ قويغان. ئاقىۋەتتە، زۇ رۇڭ ياپونىيە دە تۇرۇشلۇق چىڭ ھۆكۈمىتى ئەلچىخانىسىدىكىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1903-يىلى  ئامالسىز ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏