چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ساۋ ساۋ (مىلادىيە155-220-يىللار) ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى داڭلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ۋە ئەدىب.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ساۋ ساۋ

تۇغۇلغان ۋاقتى :155-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :曹操

ۋاپات بولغان ۋاقتى :220-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى

باشقا نامى :字孟德、号吉利、小字阿瞒

يۇرتى :ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بۇشيەن ناھىيەسى

كەسپى :سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ،ئەدىب

ياشىغان دەۋر :ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى

تەخەللۇسى :مېڭ دې، چياۋ

ھاياتى ھەققىدە

ساۋ ساۋ (مىلادىيە 155-220-يىللار) ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى داڭلىق سىياسىئون، ھەربىي ئالىم ۋە ئەدىب. تەخەللۇسى مېڭ دې، چياۋ (بۈگۈنكى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بۇشيەن ناھىيەسى) دېگەن يەردىن. ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلىق دەۋرىدىلا باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغان. 20 يېشىدا دىيانەتچى بەگلىككە كۆرسىتىلگەن. لوياڭنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ئەمرى بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەمەلدارلىق يولىغا ماڭغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 189-يىلى، ساۋ ساۋ مال-بىساتىنى سەرپ قىلىپ ئەسكەر توپلاپ، ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ دۇڭجۇغا جازا يۈرۈش قىلىش جېڭىگە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش جەريانىدا شەخسىي قوراللىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ ماڭغان، ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە لۈ بۇ، جاڭ مياۋ قاتارلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ، يەنجۇ دېگەن يەرنى كونترول قىلىپ بازا قۇرغان. مىلادىيە 196-يىلى، ئۇ پادىشاھ خەن شيەندىنى مەجبۇرىي شۈچاڭغا باشلاپ بېرىپ، «تەڭرىقۇت نامىدا بەگلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش» ئورنىنى ئىگىلىگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا جەڭ قىلىشقا باشلىغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏