چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياللۇغ چۇساي قىتانلاردىن بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دادىسى ياللۇغ لۈي ئالتۇن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شىزۇڭ زامانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. 60 ياشقا كىرگەندە ئوغلى ياللۇغ چۇساي تۇغۇلغان. ئۇ «زو چيۇنىڭ تەپسىرلىرى» دىكى ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوغلىغا «چۇساي» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ سۆز چۇ بەگلىكىدىكى ئىختىساسلىق كىشىلەر جىن بەگلىكى تەرىپىدىن پايدىلىنىلغان، دېگەن مەنىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ياللۇغ چۇساي

خەنزۇچە ئىسمى :耶律楚材

باشقا نامى :耶律文正、吾图撒合里

تۇغۇلغان ۋاقتى :1190-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1244-يىلى

شەخىس ھەققىدە 

ياللۇغ چۇسايمىلادىيە 1215-يىلى چىڭگىزخان موڭغۇل ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلىپ ئالتۇن دۆلىتى (جىڭگو دۆلىتى) نىڭ ئوتتۇرا ئاستانىسى (ھازىرقى بېيجىڭ) نى ئىشغال قىلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن ئالتۇن سۇلالىسى ئەمەلدارى ياللۇغ چۇساينى (1190 −1244-يىللار) چاقىرىپ كۆرۈشكەن. ئىككىيلەن سۆزلەشكەندە، چىڭگىزخان ياللۇغ چۇساينىڭ قابىلىيىتىگە ناھايىتى قايىل بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قېشىدا ئېلىپ قېلىپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. 

ياللۇغ چۇساي قىتانلاردىن بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دادىسى ياللۇغ لۈي ئالتۇن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شىزۇڭ زامانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. 60 ياشقا كىرگەندە ئوغلى ياللۇغ چۇساي تۇغۇلغان. ئۇ «زو چيۇنىڭ تەپسىرلىرى» دىكى ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ، ئوغلىغا «چۇساي» دەپ ئىسىم قويغان. بۇ سۆز چۇ بەگلىكىدىكى ئىختىساسلىق كىشىلەر جىن بەگلىكى تەرىپىدىن پايدىلىنىلغان، دېگەن مەنىگە ئىگە. ياللۇغ چۇساي ئۈچ ياشقا كىرگەندە، دادىسى ۋاپات بولغان. ئۇ كىچىك چېغىدىن تارتىپلا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، جۇغراپىيە، كالېندارشۇناسلىق قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەن. 24 يېشىدا ئالتۇن سۇلالىسىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى بولغان، كېيىن ئوتتۇرا ئاستانىنى ساقلىغان. ئۇ موڭغۇل خانلىقىغا ئەل بولغاندىن كېيىن، ھەر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى تۈزۈش مۇزاكىرە-قۇرۇلتايلىرىدا، چىڭگىزخان ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىغان ھەم ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىشىنىدىغان بولغان. 1229-يىلى، ئۇگداي تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ قاغان بولۇپ، دادىسى چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ياللۇغ چۇساينى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ھۆدەيچىلىك (ۋەزىرلىك) كە تەيىنلىگەن. ئۇ موڭغۇل خانلىقى ئوردىسىدا ئەڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن يات مىللەت كىشىسى بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگونىڭ بىرلىككە قاراپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏