چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش رۇزېرفورد (1871-1939)ئاتوم يادروسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان يېڭى زېلاندىيەلىك ئالىم.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :رۇزېرفورد

خەنزۇچە ئىسمى :欧内斯特·卢瑟福

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

يۇرتى :يېڭى زېلاندىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1871-يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1937-يىل 10-ئاينىڭ 37-كۈنى

كەسپى :فىزىكا ئالىمى، خىمىيە ئالىمى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :كانتېربۇرى ئىنستىتۇتى

چەتئەلچە نامى :Ernest Rutherford

كەسپى ھاياتى

ئاتوم يادروسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان يېڭى زېلاندىيەلىك ئالىم رۇزېرفورد (1871-1937) ئىلىم-پەن يېڭى دەۋرىنى ئاچقان ئاز ساندىكى بىرنەچچە كىشىنىڭ بىرى. 1899-يىلى 28 ياشلىق رۇزېرفورد رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت «تورىي» ۋە رادىئوئاكتىپلىق رادىئاتسىيەدىكى ئىككى خىل يېڭى نۇر: α نۇر ۋە β نۇرنى بايقىغان؛ 1902-يىلى، يەنە بىر خىل ئاتومنىڭ يىمىرىلىپ يەنە بىر خىل ئاتومغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئاتوم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن قاراشنى ئىنكار قىلغان، 1908-يىلى نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1911-يىلى رۇزېرفورد α زەررىچىنىڭ چېچىلىش تەجرىبىسى (رۇزېرفورد تەجرىبىسى دەپ ئاتىلىدۇ) گە ئاساسەن، ئاتوم يادروسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، شۇنىڭدەك قۇياش سىستېمىسى قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاتوم مودېلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ مودېلدا ئاتومنىڭ ئوتتۇرىسى مۇسبەت زەرەتلىك قاتتىق يادرو بولۇپ، مەنپي زەرەتلىك ئېلېكترونلار بۇ قاتتىق يادرونى چۆرىدەپ خۇددى پلانېتىلار قۇياشنىڭ ئەتراپىدا ئايلانغاندەك چۆرگىلەيدۇ. بۇ نەزەرىيە ئاتوم تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى تونۇشقا ناھايىتى زور تۈرتكە بولۇپ، كېيىن ئاتوم تۈزۈلۈشى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە ئاساس سالغان. 

1919-يىلى، رۇزېرفورد رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت پولونىينىڭ α زەررىچىسى بىلەن ئازوت ئاتومىنى بومباردىمان قىلىپ، ئوكسىگېن ئىزوتوپىغا ئېرىشىپ، ئېلېمېنتنى تۇنجى قېتىم پارچىلىغان. 1920-يىلى، ئۇ يەنە نيېتروننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ، ئاتوم يادروسى ئىچىدە زەرەتسىز زەررىچىلەر مەۋجۇت، ئۇلار ئاتوم يادروسىغا ئاسانلا كىرىپ، ئاتوم يادروسى بىلەن بىرلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىكى غايەت كۈچلۈك مەيدان ئىچىدە ئۆزگىرىدۇ، دەپ قارىغان. 12 يىلدىن كېيىن، كىشىلەر دەرۋەقە بۇ خىل نيېتروننى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن نيېترون ئاتوم يادروسىنى بومباردىمان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى «زەمبىرەك ئوقى» غا ئايلىنىپ، ئاتوم يادروسىنىڭ زەنجىرسىمان رېئاكسىيەسى ئىشقا ئېشىپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىشىنى شەرت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏