چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سوقرات (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 469-399-يىللار) ئافېنا دىكى ئاددىي ھەيكەلتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سوقرات

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىدىن بۇرۇن 469- يىل

خەنزۇچە ئىسمى :苏格拉底

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىدىن بۇرۇن 399 يىل

دۆلەت تەۋەلىكى :قەدىمكى گرېتسىيە ئافېنا

مىللىتى :يۇنان مىللىتى

يۇرتى :ئافېنا

كەسپى :مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپ

ھاياتى ئۆمرى

قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى سوقرات (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 469-399-يىللار) نىڭ «ئۆزۈڭنى بىل! » دېگەن بىر جۈملە ئەقلىيە سۆزى بار، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىنى، بىلىمسىزلىكىنى تونۇپ يېتىشنىڭ كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ گەرچە ئافېنا دىكى ئاددىي ھەيكەلتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، كىچىكىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئاخىر داڭلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 

قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى دەرسخانىدا ئەمەس، بەلكى ئافېنا شەھىرىنىڭ كوچا-كويلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۆزى بىلەن سۆھبەتلەشكۈسى بارلا ئادەم ئۇچرىسا، ئۇ بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇ بۇ جەرياندا ئەزەلدىن قەلەم تۇتمىغان بولغاچقا، خاتىرە قالدۇرۇپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن سۆز-پىكىرلىرى ۋە چوڭقۇر ئىدىيىسىنى ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرىلەپ قالدۇرغان. ئەپلاتۇن ئۇنىڭ شاگىرتى، ئاپلاتۇننىڭ «ئەپلاتۇن پاراڭلىرى-سوقراتنىڭ ئۆلىمى» ناملىق كىتابىدا سوقراتنىڭ تىلى ئارقىلىق دىئالۇگ شەكلىدە  سوقراتنىڭ ھاياتى ئىش ئىزلىرى،پەلسەپىۋى قاراشلىرى بايان قىلىنغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏