چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پاسكال كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇپ، 12 يېشىدا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، 16 يېشىدا پارىژدىكى ماتېماتىك ۋە فىزىكلار گۇرۇپپىسى (فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇلى) غا قاتناشقان، 17 يېشىدا ماتېماتىكا تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 20 يېشىدا تارىختىكى تۇنجى مېخانىكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پاسكال

خەنزۇچە ئىسمى :布莱士·帕斯卡

باشقا نامى :Blaise Pascal

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1623-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1662-يىلى

كەسپى :ماتىماتىك ، فىزىكا ئالىمى ، مۇتەپەككۇر

شەخىس ھەققىدە 

پاسكالكىشىلەر تۇنجى قېتىم چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگە بارغىنىدا، نەپەسلىنىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ پاسكال (1623-1662) ئىسىملىك فرانسىيە لىك بۇنىڭدىكى سىرنى ئەڭ بالدۇر بايقىغان. ئەسلىدە، ئېگىزلىك ئاشقانسېرى ھاۋا شالاڭلىشىدۇ، ئاتموسفېرا بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭغا ماسلىشالمايدۇ.

پاسكال كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق بولۇپ، 12 يېشىدا ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، 16 يېشىدا پارىژدىكى ماتېماتىك ۋە فىزىكلار گۇرۇپپىسى (فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇلى) غا قاتناشقان، 17 يېشىدا ماتېماتىكا تېئورېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 20 يېشىدا تارىختىكى تۇنجى مېخانىكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. ئۇ، 40 ياشقىچە ياشىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم-پەنگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏