چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پۇشكىن (1799-1837-يىللار) روسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رۇس ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى، پۈتكۈل رۇس ئەدەبىياتىنى دۇنيادا شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 19-ئەسىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇتتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پۇشكىن

خەنزۇچە ئىسمى :亚历山大·谢尔盖耶维奇·普希金

باشقا نامى :Александр Сергеевич Пушкин

دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە

مىللىتى :رۇس مىللىتى

يۇرتى :موسكۋا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1799-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1837-يىلى

كەسپى :شائىر، يازغۇچى

شەخىسلەر ئانكىتى 

پۇشكىن (1799-1837-يىللار) رۇسىيە يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رۇس ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىجادچىسى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى، پۈتكۈل رۇس ئەدەبىياتىنى دۇنيادا شۆھرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 19-ئەسىر ئەدەبىيات مۇنبىرىنى خۇددى قۇياشتەك يورۇتتى. 

پۇشكىن موسكۋادىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدا بىر يانچى ئىنىكئانا باققان، دائىم ئىنىكئانىسى ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان، بۇ ئۇنى كىچىكىدىنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەربىيىسىگە ئىگە قىلغان. 12 ياش ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرىدىن دېموكراتىك ئىدىيىنى قوبۇل قىلغان. 1812-يىلى رۇس خەلقى ناپولېئون قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، بۇ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۆرلۈكنى مەدھىيىلەيدىغان، مۇستەبىت زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان بىرمۇنچە شېئىرلارنى يازغان. «ھۆرلۈككە مەدھىيە، چائادايېفقا، يېزا، رۇسلان ۋە ليۇدمىلا» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. چار پادىشاھ ئالكساندر بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، پوشكىننى سىبىرىيىگە سۈرگۇن قىلىشقا بۇيرۇغان. بەزى كىشىلەر ئارىغا چۈشكەنلىكتىن، ئۆزگەرتىپ، ئۇنى جەنۇبىي رۇسىيەگە سۈرگۈن قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏