چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېلگىيىلىك ئالىم پېروكاچىن (1917-) «خوراش قۇرۇلمىسى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى چوڭ ساھەنى تۇتاشتۇردى. مەيلى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بولسۇن ياكى پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلار بولسۇن، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ئالمىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ سىستېمىلىق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلسىلا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پېروكاچىن

خەنزۇچە ئىسمى :普利高津

دۆلەت تەۋەلىكى :بېلگىيە

يۇرتى :موسكۋا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1917-يىلى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :بېلگىيە بريۇسسېل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى

نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى 

پەن تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەبىئىي پەن نەزەرىيىەسى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىلا ھەل قىلىدۇ، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيەسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بېلگىيىلىك ئالىم پېروكاچىن (1917-) «خوراش قۇرۇلمىسى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى چوڭ ساھەنى تۇتاشتۇردى. مەيلى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بولسۇن ياكى پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلار بولسۇن، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ئالمىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ سىستېمىلىق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلسىلا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. پېروكاچىننىڭ بۇ بايقىشى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، 1977-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏