چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۇڭ چىڭلىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۇڭ چىڭلىڭ

خەنزۇچە ئىسمى :宋庆龄

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خەينەننىڭ ۋېنچاڭ ناھىيەسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1893-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1981-يىل

كەسپى :رەھبەر، سىياسىئون

تۇغۇلغان جايى :شاڭخەي

شەخسلەر ئانكىتى

سۇڭ چىڭلىڭ (1893-1981-يىللار) ، ئەسلىي خەينەننىڭ ۋېنچاڭ ناھىيەسىدىن، شاڭخەيدە تۇغۇلغان. دادىسى سۈن جۇڭشەن نىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىنلا سۈن جۇڭشەن نىڭ ئىنقىلابىي ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 17 يېشىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1912-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە خەۋىرىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قالغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1913-يىلى ياپونىيە گە بېرىپ، سۈن جۇڭشەن گە كاتىپ بولغان. 1915-يىلى 10-ئايدا، توكيو دا سۈن جۇڭشەن بىلەن توي قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ سۈن جۇڭشەن گە ھەمراھ بولۇپ ئىنقىلاب ئۈچۈن دۆلەت ئىچى-سىرتىغا قاتراپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏