چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يوھان ھېنرىخ پېستالوززى (1746-1827) شىۋېتسارىيەلىك داڭلىق پېداگوگ. ئۇ مائارىپ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىنى نامرات، يوقسۇل بالىلارنى باشلانغۇچ مائارىپىغا ئىگە قىلىش ئىشلىرىغا ئاتىغان. پېستالوززى بەش يېشىدا ئاتىسى تۈگەپ كېتىپ، ئائىلىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. مېھرىبان ئاپىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پېستالوززى

خەنزۇچە ئىسمى :裴斯泰洛齐

باشقا نامى :Johann Heinrich Pestalozzi

دۆلەت تەۋەلىكى :شىۋېتسارىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1746-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1827-يىلى

كەسپى :مائارىپچى، پېداگوگ

شەخىسلەر ئانكىتى

پېستالوززىيوھان ھېنرىخ پېستالوززى (1746-1827) شىۋېتسارىيە لىك داڭلىق پېداگوگ. ئۇ مائارىپ ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىنى نامرات، يوقسۇل بالىلارنى باشلانغۇچ مائارىپىغا ئىگە قىلىش ئىشلىرىغا ئاتىغان. 

پېستالوززى بەش يېشىدا ئاتىسى تۈگەپ كېتىپ، ئائىلىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. مېھرىبان ئاپىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە مېھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچقان. ئۇ كىچىكىدە دائىم بوۋىسى ۋە تاغىسىغا ئەگىشىپ سەھرالارغا بارغان، سەھرا تۇرمۇشى ئۇنىڭدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دېھقانلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق پەيدا قىلغان. ئۇ يەتتە يېشىدا ئالىي مەكتەپكە كىرىپ، پروفېسسورنىڭ تەسىرىدە بارا-بارا فرانسىيە لىك كاتتا پەيلاسوپ رۇسسو نىڭ چوقۇنغۇچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ رۇسسو نىڭ «تەبىئەتكە قايت» دېگەن شوئارىغا چوقۇنۇپ، سودىيە بولۇش غايىسىدىن ۋاز كەچكەن ھەمدە كەلگۈسىدە مائارىپچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏