چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
سۇخوملىنسكىي (1918-1970) رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داڭلىق پېداگوگى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور پېداگوگلارنىڭ بىرى.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۇخوملىنسكىي
خەنزۇچە ئىسمى :苏霍姆林斯基
دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە فېدېراتسىيەسى
تۇغۇلغان ۋاقتى :1918-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى :1970-يىل
كەسپى :پېداگوگ
چەتئەلچە نامى :Васи́лий Алекса́ндрович Сухомли́нский
سۇخوملىنىسكىيسۇخوملىنسكىي (1918-1970) رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ داڭلىق پېداگوگى، ئۇ 18 يېشىدىن باشلاپ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ھەمدە ئىزچىل مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ ماكارېنكونى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، بارلىقىنى بالىلارغا ئاتىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇشۇمدا ھەممىدىن مۇھىم ئىش نېمە؟ مەن بۇ سوئالغا قىلچە ئىككىلەنمەستىن بالىلارنى قىزغىن سۆيۈش، دەپ جاۋاب بېرىمەن». ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3700 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كۆزىتىپ خاتىرە قالدۇرغان. ئۇ «تەربىيىلەش ئەڭ قىيىن» بولغان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ئەگرى-توقاي ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ئاتاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرەلەيدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى