چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا ئاتا-بالا ئۈچەيلەن كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى بولۇپ چىققان بىر ئائىلە بار. ئۇلار شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇ شۈن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى سۇ شى، سۇ جېلار، بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇ شى (1037-1101-يىللار) نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ يۇقىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۇ شى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1037-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

خەنزۇچە ئىسمى :苏轼

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1101-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى

باشقا نامى :苏东坡、苏文忠、苏仙

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

ياشىغان زامان :شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :سىچۈەن

كەسپى :يازغۇچى

ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى

سۇ شى شېئىر، نەسر جەھەتلەردە ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، خۇشخەت، رەسىم سىزىشلاردىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر بىلىم ئالغان. ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبى مەردانە، ئوي-پىكرى ئوچۇق، ئوخشىتىشلارنى جايىدا ئىشلەتكەن، مەسىلەن: داڭلىق ئەسىرى «يىنخۇ كۆلىدە ھاۋا باشتا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن يامغۇر ياغدى، جىنشەن ئىبادەتخانىسىغا ساياھەت» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر، قاتتىق شېئىر قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شېئىرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. داڭلىق ئەسەرلەردىن «نيەن نۇجياۋ» (چاڭجياڭ دەرياسى شەرققە ئاقىدۇ) ، «شۈدياۋگېتۇ» (قاچانمۇ ئايدىڭ بولۇر) قاتارلىقلار بار، ئۇ سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەردانىلىك ئېقىمى شېئىرلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، شىن چىجى بىلەن قوشۇپ «سۇ − شىن» دەپ ئاتالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏