چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۇڭزەن گەنبۇ ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق سىياسىئون. ئۇ ئۆز ھاياتىدا زاڭزۇ قەبىلىلىرىنىڭ تارقاق، قالاق ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكىمۇ ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۇڭزەن گەنبۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :617-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :松赞干布

ۋاپات بولغان ۋاقتى :650-يىل

باشقا نامى :弃宗弄赞、器宗弄赞、弃苏农赞

دۆلەت تەۋەلىكى :تۈبۈت تىبەت خانلىقى

مىللىتى :زاڭزۇ

يۇرتى :شىزاڭنىڭ لاسا

چەتئەلچە نامى :Srong-btsan Sgam-po

شەخسلەر ئانكىتى

سۇڭزەن گەنبۇ (650-617-يىللار) تۈبۈت خانى لاڭرە زەنپۇنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، 13 يېشىدا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاتامان بولغان. ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئوقيا ئېتىش ۋە نەزم ئوقۇش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ شىزاڭدىكى قەبىلىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، لوشيې (بۈگۈنكى لاسا) نى پايتەخت قىلىپ، قانۇن تۈزگەن، يېزىق ئىجاد قىلغان، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ۋە ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىپ، پەيدىنپەي تۈبۈتلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزغان، سۇڭزەن گەنبۇ گەرچە ۋەتەننىڭ غەربىدىكى زېمىنىنى ئىگىلەپ، نېپالنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسى نىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە مەدەنىيەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا ناھايىتى ئىنتىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏