چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
فرانسىيە يازغۇچىسى مارسېل پروست (1871-1922-يىللار) بۇ خىل نەزەرىيەنى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئەڭ بۇرۇن قوللىنىپ، پروزىدا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، پېرسوناژنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :پروست
خەنزۇچە ئىسمى :马塞尔·普鲁斯特
باشقا نامى :Marcel Proust
دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە
يۇرتى :فرانسىيە پارىژ
تۇغۇلغان ۋاقتى :1871-يىلى
ۋاپات بولغان ۋاقتى :1922-يىلى
كەسپى :يازغۇچى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى :پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى
پروستئامېرىكا پسىخولوگى ۋىليام جامېس ئادەمنىڭ ئاڭ ھەرىكىتىنى «ئېقىن» غا ئوخشاتقان، فرانسىيە پەيلاسوپى بېرگسون «چىنلىق» «ئاڭنىڭ ئايرىلماس دولقۇنى ئىچىدە» مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى بەزى يازغۇچىلار: پروزا ئادەمنىڭ ئاڭ ھەرىكىتىنى ئىپادىلىشى، پروزىچىلار ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇر چۆكۈشى، بولۇپمۇ يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك، دېيىشتى. فرانسىيە يازغۇچىسى مارسېل پروست (1871-1922-يىللار) بۇ خىل نەزەرىيىنى ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئەڭ بۇرۇن قوللىنىپ، پروزىدا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش ئەنئەنىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆتمۈش، ھازىر، كەلگۈسىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، پېرسوناژنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. غەرب ئەدەبىيات ساھەسى بىلەن ئىلىم ساھەسى ئۇنى ئاڭ ئېقىنى پروزىسىنىڭ باشلامچىسى، ھازىرقى زامان پروزىسىنىڭ ئۇستازى، دەپ قاراشتى.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى