چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نامسىز كۆلنىڭ بويىدا سەي يۈەنپېينىڭ ھەيكىلى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك زات، مەشھۇر پېداگوگ سەي يۈەنپېينى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىكلىگەن ئابىدە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سەي يۈەنپېي

خەنزۇچە ئىسمى :蔡元培

باشقا نامى :蔡振、周子余

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :جېجياڭ ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1868-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1940-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى

كەسپى :مائارىپشۇناس، ئىنقىلابچى، سىياسىئون

چەتئەلچە نامى :Cai Yuanpei

شەخسلەر ئانكىتى

سەي يۈەنپېي (1868-1940) جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ دېگەن يېرىدىن. ياشلىق دەۋرىدە ئىدىيىسى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى نىڭ چىرىك ھاكىمىيىتىدىن رازى بولمىغاچقا، خەنلىنيۈەندىكى ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن دادىللىق بىلەن ئىستېپا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1901-يىلى شاڭخەيگە كېلىپ جەنۇبىي ئوكيان مەكتىپى ئالاھىدە سىنىپىنىڭ باش يېتەكچىسى بولغاندىن ئېتىبارەن ئىزچىل تۈردە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىنقىلاب ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەتەنپەرۋەرلىك مەكتىپى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ، زوراۋانلىق ئىنقىلابى قوزغاپ، فېئوداللىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلاب نەزەرىيەسى ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگەتكەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەربىي تەلىم-تەربىيىگە قاتناشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏