چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چى جىگۇاڭ (1528-1587-يىللار) مىڭ سۇلالىسى نىڭ ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرغان ئاتاقلىق سەركەردىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭجۇ (ھازىرقى پىڭلەي) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، سەركەردە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 17 يېشىدا ئاتىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەندۇڭ دېڭجۇنىڭ بۇيۇرغىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چى جىگۇاڭ

خەنزۇچە ئىسمى :戚继光

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :شەندۇڭ ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1528-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1587-يىلى

كەسپى :ھەربىي ئالىم

شەخىس ھەققىدە 

چى جىگۇاڭ«مەقسىتىم چوڭ ئەمەلدار بولۇش ئەمەستۇر پەقەت، يۇرتۇمنى تىنچلاندۇرسام دەيمەن ئەبەد». بۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرغان قەھرىمانى چى جىگۇاڭ 16 يېشىدا يازغان شېئىر بولۇپ، شېئىردا ئۇنىڭ ياپون قاراقچىلىرىنى يوقىتىپ، يۇرتىنى قوغداشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن. 

چى جىگۇاڭ (1528-1587-يىللار) مىڭ سۇلالىسى نىڭ ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرغان ئاتاقلىق سەركەردىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭجۇ (ھازىرقى پىڭلەي) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، سەركەردە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 17 يېشىدا ئاتىسىنىڭ ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەندۇڭ دېڭجۇنىڭ بۇيۇرغىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 28 يېشىدا مەسلىھەتچى سەركەردىلىككە تەيىنلىنىپ جېجياڭغا يۆتكىلىپ، نىڭبو، شاۋشىڭ، تەيجۇ قاتارلىق ئۈچ ئايماق، ۋىلايەتنى قوغداپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىنى پاراكەندە قىلىۋاتقان ياپون قاراقچىلىرىغا زەربە بەرگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏