چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چيۇ جىن (1875-1907-يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاياللار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر دېموكراتىك ئىنقىلابچى بولۇپ، ئۆزىنى «جيەنخۇ باتۇرى» دەپ ئاتىغان. مىجەزى ئوچۇق-يورۇق چيۇ جىن كىچىكىدىن باشلاپلا تارىخىي كىتابلار ۋە شېئىر-نەزملەرنى پىششىق ئوقۇپ چىققان، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغا ئېتىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چيۇ جىن

خەنزۇچە ئىسمى :秋瑾

باشقا نامى :初名闺瑾,乳名玉姑,字璇卿,号旦吾,改瑾,字竞雄

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ)

تۇغۇلغان ۋاقتى :1875-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1907-يىلى

كەسپى :دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ مۇتەخەسسىسى

شەخىسلەر ئانكىتى 

چيۇ جىنچيۇ جىن (1875-1907-يىللار) جېجياڭنىڭ شەنيىن (ھازىرقى شاۋشىڭ) دېگەن يېرىدىن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاياللار ئىچىدىن چىققان مەشھۇر دېموكراتىك ئىنقىلابچى بولۇپ، ئۆزىنى «جيەنخۇ باتۇرى» دەپ ئاتىغان. مىجەزى ئوچۇق-يورۇق چيۇ جىن كىچىكىدىن باشلاپلا تارىخىي كىتابلار ۋە شېئىر-نەزملەرنى پىششىق ئوقۇپ چىققان، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغا ئېتىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن، قىسقىسى، ئەلەم بىلەن قەلەمدە تەڭ يېتىشىپ چىققان. 1904-يىلى فېئودال ئائىلىنىڭ ئاسارىتىدىن بۆسۈپ چىقىپ، ئېرى ۋە ئوغلى بىلەن خوشلىشىپ، ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇغان ھەمدە ئىنقىلابىي ھاياتىنى باشلىۋەتكەن. 

ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، ئىنقىلابىي پارتىيىنىڭ ئىنتايىن پائالىيەتچان ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. «بەيخۇا(ئاۋام) گېزىتى» نى چىقىرىپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ئىنقىلابچىلار بىلەن تونۇشقان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، شاۋشىڭدا گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. كېيىنكى يىلى باھاردا يەنە ياپونىيە گە بېرىپ، خۇاڭ شىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سۇن جۇڭشەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ھەمدە بۇ جەمئىيەتنىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك شۆبىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1905-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى پەرمان چۈشۈرۈپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، چيۇ جىن ئاچچىق يۇتۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ياپونىيە دىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن جېجياڭلىق يۇرتداشلار يىغىلىشىدا، ئۆتۈكىنىڭ قونچىدىن بىر شەمشەرنى چىقىرىپ شىرەگە كۈچەپ سانجىغاندىن كېيىن: «ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مانجۇلارغا تەسلىم بولسام، ئۆز مەنپەئىتىمنى دەپ دوستلىرىمغا ساتقۇنلۇق قىلسام، خەنزۇلارنى بوزەك قىلسام، مۇشۇ شەمشەر بىلەن ئۆلۈپ كېتەي» دەپ قەسەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏