چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگودا شۇنداق بىر ئالىم باركى، ئۈزۈلگەن قول-پۇتلارنى ئۇلىيالايدۇ ۋە پۇت بارمىقىنى قول بارمىقىغا ئۇلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى قېتىم ساغلام قول-پۇتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئادەم شاڭخەي شەھىرىدىكى ۋراچ، 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا مىكروسكوپ ئارقىلىق ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى كېسەللىكلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى پروفېسسور چېن جۇڭۋېي (1929-) دۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چېن جۇڭۋېي

خەنزۇچە ئىسمى :陈中伟

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1929-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :2004-يىلى

كەسپى :سۆڭەك كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :جېجياڭ نىڭبو

شەخىس ھەققىدە 

جۇڭگودا شۇنداق بىر ئالىم باركى، ئۈزۈلگەن قول-پۇتلارنى ئۇلىيالايدۇ ۋە پۇت بارمىقىنى قول بارمىقىغا ئۇلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى قېتىم ساغلام قول-پۇتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئادەم شاڭخەي شەھىرىدىكى ۋراچ، 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا مىكروسكوپ ئارقىلىق ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى كېسەللىكلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى پروفېسسور چېن جۇڭۋېي (1929-) دۇر. 1963 -يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، شاڭخەي دە بىر ئىشچىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى ستانوك ئۈزۈۋېتىدۇ، بۇ ئىشچى ئۈزۈلگەن بىلىكى بىلەن بىللە شاڭخەي 6-دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. قائىدە بويىچە، جاراھەت ئاغزىلا تىكىلەتتى، بىراق مەسئۇل ۋراچ چېن جۇڭۋېي ئۇلاشنى قارار قىلىدۇ. قول ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ ئەزا بولۇپ، قول بىلەن بىلەكنىڭ ئارىلىقىدا 20 نەچچە مۇسكۇل ۋە پەي تۇتىشىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇن قان تومۇر، لىمفا نەيچىسى، سۆڭەك ۋە نېرۋىلار بار. تومۇرلار ئىنتايىن ئىنچىكە بولۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ توغرا ئۇلاشقا توغرا كېلىدۇ. نېرۋا تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مىليونلىغان نېرۋا تالالىرى بار، ئۇنىڭ سىرتىنى تومۇزغا قانىتىدىنمۇ نېپىز بىر قەۋەت غىلاپ پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ، نېرۋا غىلاپ پەردىسىنى يىپ بىلەن تىكىپ ئۇلاشتا، ئىچىدىكى نېرۋا تالالىرىنى زەخىملەندۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان ۋە ئاغرىقنى توختىتىشقا، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. . .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏