چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چېن جيەنگۇڭ جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەنلەردە ئوخشاشلا ئەلا، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىناتتى. چېن جيەنگۇڭ 1913-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە گە ئۈچ قېتىم بارغان .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چېن جيەنگۇڭ

خەنزۇچە ئىسمى :陈建功

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1893-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1971-يىلى

كەسپى :ماتېماتىك

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ياپونىيە توكيو ئالىي دەرىجىلىك سانائەت مەكتىپى

شەخىس ھەققىدە 

چېن جيەنگۇڭجۇڭگولۇق مەشھۇر ماتېماتىك چېن جيەنگۇڭ (1893-1971) 1929-يىلى ياپونىيەدە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور پۇچىخارا تەبرىكلەش يىغىنىدا: «مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ئوقۇتقۇچىلىقنى كەسىپ قىلدىم، ھېچقانچە نەتىجە ھاسىل قىلالمىدىم. بىراق، مېنىڭ جۇڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچۇم بار، ئىسمى چېن جيەنگۇڭ، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور شەرەپ» دېگەن. 

چېن جيەنگۇڭ جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەنلەردە ئوخشاشلا ئەلا، ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، ئۇنىڭ ماتېماتىكا نەتىجىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىناتتى. چېن جيەنگۇڭ 1913-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە ئۈچ قېتىم بارغان، 1929-يىلى ياپونىيە دە تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونىيە دە ئوقۇغانلار ئىچىدىكى تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق، شۇنداقلا ياپونىيە دە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى چەت ئەللىك ئالىم ئىدى. بۇ ئىش ياپونىيە ئاراللىرىنى زىلزىلىگە سالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏