چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شوپىن (1810-1849) پولشالىق ئۇلۇغ كومپوزىتور، پىئانىنو چالغۇچى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شوپىن

خەنزۇچە ئىسمى :弗里德里克·弗朗索瓦·肖邦

باشقا نامى :پىئانىنو شائىرى

دۆلەت تەۋەلىكى :پولشا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1810-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1849-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى

كەسپى :رويالچى، مۇزىكانت، كومپوزىتور، پىئانىنو چالغۇچى

چەتئەلچە نامى :Fryderyk Franciszek Chopin

سەنئەت ھاياتى

شوپىن (1810 −1849) پولشالىق ئۇلۇغ كومپوزىتور، پىئانىنو چالغۇچى. ئۇ ئانىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى كىچىكىدىن باشلاپلا پولەك خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن پىششىق تونۇشقان ۋە ئۇلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان. ئالتە يېشىدىن باشلاپ پىئانىنو، يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئاھاڭ ئىجاد قىلىشنى ئۆگەنگەن، سەككىز يېشىدا مۇزىكا يىغىلىشلىرىدا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغان. 16 يېشىدا ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 20 ياشقا يەتمەي تۇرۇپلا ۋارشاۋا بويىچە داڭلىق پىئانىنو چالغۇچى ۋە كومپوزىتور بولۇپ قالغان. 

1830-يىلى شوپىن فرانسىيە نىڭ پايتەختى پارىژ غا بېرىپ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر كومپوزىتورلاردىن بېرلىئوز، لىزت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇ بۇ مەزگىلدە پىئانىنو چېلىش ياكى مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتە بولسۇن، ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شوپىننىڭ نۇرغۇن نادىر مۇزىكىلىرى مانا شۇ چاغدا يېزىلغان. شوپىن پارىژدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ۋەتىنى پولشا چارروسىيىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇڭا، ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە تاجاۋۇز قىلىنغان يۇرت-ماكاننى ياد ئېتىش، مىللىي مۇستەقىللىققا تەشنا بولۇش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئىستەكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۇرتنى ئەسلەش، مۇنقەرزلىكتىن نەپرەتلىنىش ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەمىشە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. چاررۇسىيە ئۇنىڭغا «چاررۇسىيە پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ1-نومۇرلۇق پىئانىنوچىسى» مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلغاندا، شوپىن قەتئىي رەت قىلىپ ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكارغا خاس ئالىيجاناب خىسلىتى ھەمدە مىللىي روھىنى ئىپادىلىگەن. 1849-يىلى شوپىن كېسەللىك سەۋەبىدىن پارىژدا ۋاپات بولغان. ئۇ جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ساپ قەلبىنى تەسەللى تاپتۇرۇش ئۈچۈن يۈرىكىنى پولشاغا ئېلىپ كېتىش ھەققىدە يېقىن دوستلىرىغا ۋەسىيەت قىلغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏