چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1940-يىلى 5-ئايدا، گېرمانىيە فاشىستلىرى غەربىي ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كەتتى، بۈيۈك برېتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان ئەنگلىيە ھالاكەت گىردابىدا يالغۇز قالغانىدى. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋىنستون چېرچىل (1874-1965-يىللار) جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيەنىڭ غالجىرانە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چېرچىل

خەنزۇچە ئىسمى :温斯顿·伦纳德·斯宾塞·丘吉尔

باشقا نامى :Winston Leonard Spencer Churchill

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1874-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1965-يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى

كەسپى :سىياسىئون

شەخىس ھەققىدە 

چېرچىل1940-يىلى 5-ئايدا، گېرمانىيە فاشىستلىرى غەربىي ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كەتتى، بۈيۈك برېتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان ئەنگلىيە ھالاكەت گىردابىدا يالغۇز قالغانىدى. مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ۋىنستون چېرچىل (1874-1965-يىللار) جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە نىڭ غالجىرانە ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلدى. 

چېرچىل خېلى بۇرۇنلا «گېرمانىيە فاشىستلىرى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىمىز» دەپ قارىغاچقا، ئۇلارغا قارشى قەتئىي تەدبىر قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغانىدى. ئەمما، ئەنگلىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمىتى ۋە جامائەت پىكرى ساھەسىدىكىلەر بولۇشىغا كۈن ئۆتكۈزۈش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي، فاشىستلار بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويماقچى بولدى. چېرچىل پارلامېنتنىڭ ئىچى-سىرتىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئاپەت خاراكتېرلىك سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏