چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گېرمانىيەلىك ماتېماتىك گائۇس (1777-1855) كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئاتىسى غۇۋا چىراغ تۈۋىدە باش چۆكۈرۈپ ھېساب قىلىۋاتاتتى. خېلىدىن كېيىن ئاتىسى چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ «ئاخىر ھېسابلاپ بولدۇم!» دەيدۇ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن گائۇس: «ئاتا، خاتا ھېسابلاپ قويدۇڭ» دەيدۇ. ئاتىسى ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گائۇس

خەنزۇچە ئىسمى :卡尔·弗里德里希·高斯

باشقا نامى :Johann Carl Friedrich Gauss،数学王子

دۆلەت تەۋەلىكى :گېرمانىيە

يۇرتى :برۇنسۋىك

تۇغۇلغان ۋاقتى :1777-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1855-يىلى

كەسپى :ماتېماتىك، فىزىكا ئالىمى

شەخىسلەر ئانكىتى 

گائۇسگېرمانىيە لىك ماتېماتىك گائۇس (1777-1855) كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى. بىر كۈنى كەچتە ئاتىسى غۇۋا چىراغ تۈۋىدە باش چۆكۈرۈپ ھېساب قىلىۋاتاتتى. خېلىدىن كېيىن ئاتىسى چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ «ئاخىر ھېسابلاپ بولدۇم!» دەيدۇ، ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن گائۇس: «ئاتا، خاتا ھېسابلاپ قويدۇڭ» دەيدۇ. ئاتىسى ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ، ئەسلىدە گائۇس ئىزچىل ئۈستەل يېنىدا تۇرۇپ ئاتىسىنىڭ ھېسابلىشىغا قاراپ تۇرغانىكەن. ئاتىسى قايتا ھېسابلاپ، ھەقىقەتەن خاتا ھېسابلاپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ.

گائۇس باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا 1 دىن 100 گىچە بولغان ناتۇرال سانلارنىڭ يىغىندىسىنى تېپىپ چىقىشنى ئېيتىدۇ. ئوقۇتقۇچى، بالىلار بۇنى خېلىلا ئۇزۇندا ھېسابلاپ بولىدىغۇ، دەپ ئويلاپ، سوئالنى يېزىپ بولۇپ بىر چەتتە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىم بىلسۇن، ئوقۇتقۇچى ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى قول كۆتۈرۈپ: «مۇئەللىم، مەن ئىشلەپ بولدۇم» دەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭدىن ھەيران قالىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچى سىنىپتىكى يېشى ئەڭ كىچىك گائۇس ئىدى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، گائۇسنىڭ دەپتىرىگە 5050 دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن: «قانداق ھېسابلاپ چىقتىڭ؟ » دەپ سورايدۇ. گائوس: «50×(100+1) نى ھېسابلىسىلا چىقمامدۇ؟» دەيدۇ. مۇئەللىم بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئوقۇتقۇچى گائۇسنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ماتېماتىكا كىتابتىن بىرنى سوۋغا قىلىدۇ. 

گائۇس تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 11 يېشىدىلا ئىككى ئەزالىقلار تېئورېمىسىنى بايقايدۇ، 17 يېشىدا كۋادراتلىق ئۆزئارا قايتىشچانلىق قانۇنىنى كەشىپ قىلىدۇ، 18 يېشىدا سىركۇل ۋە تۈز سىزغۇچ بىلەن مۇنتىزىم 17 تەرەپلىكنى سىزىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، 2000 يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. 21 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ، 22 يېشىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1804-يىلى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏