چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 18-ئەسىردىكى گېرمانىيە دە شىللېر (1759-1805-يىللار) گيوتى بىلەن تەڭ نامى چىققان دراماتورگ ۋە شائىر ئىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شىللېر

خەنزۇچە ئىسمى :席勒

دۆلەت تەۋەلىكى :گېرمانىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1759-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1805-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

كەسپى :دراماتورگ، شائىر

چەتئەلچە نامى :Johann Christoph FriedrichVon Schiller

شەخسلەر ئانكىتى

18-ئەسىردىكى گېرمانىيە دە شىللېر (1759-1805-يىللار) گيوتى بىلەن تەڭ نامى چىققان دراماتورگ ۋە شائىر ئىدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىدە دەل مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك ۋە خاراكتېر ئازادلىقى تەلەپ قىلغان «شىددەتلىك بوراندەك ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى» گە توغرا كېلىپ، ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. ئۇ تۇنجى سەھنە ئەسىرى «قاراقچى» دا فېئودال مۇستەبىتچىلىككە جەڭ ئېلان قىلىش بايرىقىنى ئاشكارا كۆتۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ تېتولىغا «ياۋۇزلارنى يوقىتايلى» دېگەن شوئار ۋە «دورا بىلەن ساقايمىسا تۆمۈر بىلەن؛ تۆمۈر بىلەن ساقايمىسا ئوت بىلەن ساقايتىش كېرەك» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغانىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏