چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىريودىنگېر (1887-1961) ئاۋسترىيە لىك، كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، مىكرو زەررىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىسى − شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلغان مەشھۇر ئالىم.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شىريودىنگېر

خەنزۇچە ئىسمى :埃尔温·薛定谔

دۆلەت تەۋەلىكى :ئاۋسترىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1887-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1961-يىل 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

كەسپى :فىزىكا ئالىمى

چەتئەلچە نامى :Erwin Rudolf Josef Alexander Schrödinger

شەخسلەر ئانكىتى

ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىككى چوڭ بايقاش − نىسپىيلىك نەزەرىيە ى بىلەن كۋانت مېخانىكىسىنىڭ پەن-تېخنىكىنىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. كۋانت مېخانىكىسى سۇ مولېكۇلىسى ۋە ھىدروگېن ئاتومىغا ئوخشاش مىكرو زەررىچىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئاۋسترىيە لىك فىزىك شىريودىنگېر (1887-1961) كۋانت مېخانىكىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، مىكرو زەررىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي تەڭلىمىسى − شىريودىنگېر تەڭلىمىسىنى بەرپا قىلىپ، 1933-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مىكرو ئېلېكترونىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئاتوم بومبا، ھىدروگېن بومبىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، تۈرلۈك يېڭى ماتېرىياللارنىڭ تەتقىق قىلىنىپ ئىشلىنىشى. . . كۋانت مېخانىكىسىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيىۋى قورالدىن ئايرىلمايدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏