چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گۇ يەنۋۇ (1613-1682-يىللار) مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئالىم. لەقىمى تىڭ لىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن دېگەن يېرىدىن. گۇ يەنۋۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە، تارىخىي كىتابلار ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ، دۆلىتىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گۇ يەنۋۇ

خەنزۇچە ئىسمى :顾炎武

باشقا نامى :原名绛,字忠清、宁人,别名继坤

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن

تۇغۇلغان ۋاقتى :1613-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1682-يىلى

كەسپى :مۇتەپەككۇر

لەقىمى :تىڭ لىن

شەخىس ھەققىدە 

گۇ يەنۋۇگۇ يەنۋۇ (1613-1682-يىللار) مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى نىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئالىم. لەقىمى تىڭ لىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن دېگەن يېرىدىن. گۇ يەنۋۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە، تارىخىي كىتابلار ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئائىت كىتابلارنى ئوقۇپ، دۆلىتىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا بەل باغلىغان. مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، «قىساسكارلار جەمئىيىتى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، مىڭ سۇلالىسى نىڭ پاسسىپ ھاكىمىيىتىگە زەربە بەرگەن. چىڭ قوشۇنى قورۇلغا كىرگەندىن كېيىن، كۇنشەن ئەتراپىدا چىڭ سۇلالىسى گە قارشى كۈچ تەشكىللىگەن. چىڭ قوشۇنى كۇنشەنگە بېسىپ كىرگەندە، گۇ يەنۋۇنىڭ ئانىسى ئاچلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئانىسى ئۆلۈش ئالدىدا گۇ يەنۋۇغا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدە ئەمەلدار بولماسلىقنى تاپىلىغان. مىڭ سۇلالىسى بەربات بولغاندىن كېيىن، گۇ يەنۋۇ جاھان كېزىپ، ياقا يۇرتلارنىڭ تاغ-دەريالىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى چېگرا مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە جۇغراپىيە تەتقىقاتىغا ئاتىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ شەنشىنىڭ خۇايىن دېگەن يېرىدە خىلۋەتچىلىكتە ياشاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. چىڭ ھۆكۈمىتى مىڭ سۇلالىسى تارىخى مەھكىمىسى ۋە كۇڭزىچى ئۆلىمالار يۇرتى تەسىس قىلىپ، گۇ يەنۋۇنى تەكلىپ قىلغاندا، تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۆز قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ سۇباتلىق دىيانىتىنى ساقلىغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏