چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ ئۆسمۈر كېيىن فرانسىيە نىڭ مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ۋېكتور ھيۇگو (1802-1885-يىللار) ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدىكى ئېزىلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بەدىئىي ئوبرازلاردا مۇشۇ قىزنىڭ سايىسى بار. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن ئىنسانپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ھيۇگو

خەنزۇچە ئىسمى :维克多·雨果

باشقا نامى :Victor Hugo،雨果

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1802-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1885-يىلى

كەسپى :ئەدىب، يازغۇچى، دراماتورگ

شەخىس ھەققىدە 

ھيۇگويازنىڭ بىر كۈنى چۈشتە بىر ئۆسمۈر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى سوتنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى مەيداندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ياغاچ تۈۋرۈككە بىر ياش قىزنىڭ باغلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى، بۇ قىز «مالاي بولۇپ ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنمىش». بىر جاللات قىپقىزىل چوغ بولۇپ كەتكەن بىر داغمالنى ئېلىپ، ئۇ قىزنىڭ يالىڭاچ مۈرىسىگە قاتتىق باستى. قىز يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق قاقشاپ كەتتى. . . ھېلىقى ئۆسمۈر كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى. قىزنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىشى ئۇنىڭ «قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس چۇقان بولۇپ ئورناشتى». ئۇ «قانۇننىڭ قاباھەتلىكى بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدى». 

بۇ ئۆسمۈر كېيىن فرانسىيە نىڭ مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر يازغۇچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىققان ۋېكتور ھيۇگو (1802-1885-يىللار) ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدىكى ئېزىلگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بەدىئىي ئوبرازلاردا مۇشۇ قىزنىڭ سايىسى بار. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى روشەن ئىنسانپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە بولغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏