چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شيا ۋەنچۈن (مىلادىيە 1631 ~ 1647-يىللار) سۇڭجياڭنىڭ خۇاتىڭ (ھازىرقى شاڭخەيدىكى سۇڭجياڭ) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر ئۆسمۈر مىللىي قەھرىمان ۋە ۋەتەنپەرۋەر شائىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شيا ۋەنچۈن

تۇغۇلغان ۋاقتى :1631-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :夏完淳

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1647-يىل

باشقا نامى :复,字存古,号小隐

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو (مىڭ سۇلالىسى)

مىللىتى :خەنزۇ

كەسپى :شائىر

ھاياتى ئۆمرى

شيا ۋەنچۈن (مىلادىيە 1631 ~ 1647-يىللار) سۇڭجياڭنىڭ خۇاتىڭ (ھازىرقى شاڭخەيدىكى سۇڭجياڭ) دېگەن يېرىدىن بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى مەشھۇر ئۆسمۈر مىللىي قەھرىمان ۋە ۋەتەنپەرۋەر شائىر. ئۇنىڭ دادىسى شيا يۇڭيى مىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تەشرىپدار بولۇپ، ئىنتايىن شۆھرەت قازانغان. شيا ۋەنچۈن كىچىكىدىنلا بىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان، ئەدەپلىك چوڭ بولغان ھەمدە ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، يەتتە يېشىدىلا شېئىر-نەزم يادلاشقا، ماقالە يېزىشقا كىرىشكەن. توققۇز يېشىدا «دەيرۇجى (بوغۇنلارغا ئاتالغان بېيىت-قوشاقلار توپلىمى)» نى يېزىپ چىققان. شۇڭا، ئۆز زامانىسىدا كىشىلەر ئۇنى «پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا» دەپ ئاتاشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏