چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گو زىيى (697-781-يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەشھۇر سەركەردە. خۇاجو ئايمىقىنىڭ جېڭشيەن(ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاشيەن ناھىيەسى) دە تۇغۇلغان. گو زىيىنىڭ دادىسى گو جىڭجى ئىلگىرى سۇيجۇ ئايمىقى، ۋېيجۇ ئايمىقى قاتارلىق بەش ئايماقتا ئايماق بېگى بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گو زىيى

خەنزۇچە ئىسمى :郭子仪

باشقا نامى :郭令公、郭汾阳

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :697-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :781-يىلى

كەسپى :ھەربىي ئالىم

شەخىس ھەققىدە 

گو زىيىمىلادىيە 765-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گە ئاسىيلىق قىلغان سەركەردە بارغۇت خويۇن تۈبۈت، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەنگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ ھەمدە: تاڭ پادىشاھى بىلەن گو زىيى ئۆلدى، چاڭئەننى ئالساق، چوقۇم بېيىپ كېتىمىز، دەپ جار سالىدۇ. گو زىيى بۇيرۇققا بىنائەن، 10 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يۈرۈپ كېتىدۇ. تاڭ قوشۇنى ھازىرقى شەنشىنىڭ جىڭياڭ دېگەن يېرىگە كەلگەندە، دۈشمەننىڭ 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنىدۇ. گو زىيى بىر تەرەپتىن، ئىستىھكام قۇرۇپ مۇداپىئە قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ سەردارىغا قوشۇن چېكىندۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. گو زىيى ئىلگىرى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنچىتىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار قوشۇنىنى ياردەمگە چاقىرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. لېكىن، ئۇيغۇرلار گو زىيىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكتىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بارگاھىغا بارىدۇ. ئۇيغۇرلار گو زىيىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بەس-بەستە تىزلىنىپ تۇرۇپ باش قويىدۇ ھەمدە تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۈبۈتلەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېچىلەپ قوشۇن چېكىندۈرىدۇ. تاڭ قوشۇنى ئۇلارنى نەچچە يۈز چاقىرىمغىچە قوغلاپ بارىدۇ. گو زىيى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزى يالغۇز كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە پەم-پاراسىتى بىلەن بۇ قېتىمقى توپىلاڭنى تىنچىتىدۇ. 

گو زىيى (697-781-يىللار) ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەشھۇر سەركەردە. خۇاجو ئايمىقىنىڭ جېڭشيەن (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاشيەن ناھىيەسى) دە تۇغۇلغان. گو زىيىنىڭ دادىسى گو جىڭجى ئىلگىرى سۇيجۇ ئايمىقى، ۋېيجۇ ئايمىقى قاتارلىق بەش ئايماقتا ئايماق بېگى بولغان. گو زىيى ئەلمى خەتمەكەردىلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن باشلاپ ئەمەلدارلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان، 749-يىلى سول قانات باسقاقبەگ مەھكىمىسىدە چوڭ سانغۇن بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏