چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «ئەي خەلقىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار!» بۇ چېخسلوۋاكىيە مىللىي قەھرىمانى، مۇنەۋۋەر كوممۇنىزم جەڭچىسى فۇچىكنىڭ دار ئالدىغا ماڭىدىغان چاغدا كىشىلەرنى كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل كېلەچەك يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قالدۇرغان سۆزى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :فۇچىك

خەنزۇچە ئىسمى :尤利乌斯·伏契克

يۇرتى :پراگا شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1903-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1943-يىل

كەسپى :يازغۇچى

چەتئەلچە نامى :JuliusFucik

ھاياتى ئۆمرى

فۇچىك (1903-1943-يىللار) پراگا شەھىرىدىكى بىر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئىلھامى بىلەن، ئەمدىلا قۇرۇلغان چېخ كومپارتىيىسىگە 18 يېشىدىلا كىرگەن ھەمدە پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى − «قىزىل ھوقۇق گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان. ئۇ ئىنقىلاب ئاخباراتچىسى، يازغۇچى ۋە ئوبزورچى. 1938-يىلى، «ميۇنخېن كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ۋەتەن مۇنقەرز قىلىنغاندا، ئۇ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن نۇرغۇن ماقالە يېزىپ، گېرمان ناتسىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سۇيىقەستىنى پاش قىلغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏