چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فېرمات فرانسىيە نىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن ئادۋوكاتلىقنى كەسىپ قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :فېرمات

خەنزۇچە ئىسمى :皮埃尔·德·费马

دۆلەت تەۋەلىكى :فرانسىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1601-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1665-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

كەسپى :ئادۋوكات ۋە ئىشتىن سىرتقى ماتىماتىكا ئالىمى

چەتئەلچە نامى :Pierre de Fermat

شەخسلەر ئانكىتى

17-ئەسىردىكى فرانسىيە لىك بىر ماتېماتىك بىر قىيىن ماتېماتىكا مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى ماتېماتىكلارنى ئىلاجسىز قويىدۇ، بۇ ئادەم فېرمات (1601 -1665) تۇر. بۇ مەسىلە مۇنداق: 2 «n بولغاندا، nz=ny+nx نىڭ مۇسبەت پۈتۈن سان يېشىمى بولمايدۇ. بۇ ماتېماتىكىدا فېرمات چوڭ تېئورېمىسى دەپ ئاتالغان. بۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش ھەققىدە، تارىختا نەچچە قېتىم مۇكاپات بېرىلىدىغان جاۋاب تەلەپ قىلىنغانلىقتىن، بىرنەچچە دەۋرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماتېماتىكلىرى ئۇنى تەتقىق قىلدى، بىراق 300 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، تا ھازىرغىچە يا ئىسپاتلانمىدى، يا ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى. زامانىۋى ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ئىشلىتىلىپمۇ، ئاران 41000000 ≤n بولغاندا، فېرمات چوڭ تېئورېمىسىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا ئۇ ماتېماتىكا قىيىن مەسىلىلىرى ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان بىر سىرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

فېرمات فرانسىيە نىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن ئادۋوكاتلىقنى كەسىپ قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. فېرمات ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، قانۇنغا ئوخشاش كىتابلارنى ئوقۇشقا سەرپ قىلغان. ئۇ 30 ياشقا كىرگەندە ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلاپ قالغان، 64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر نۇرغۇن ئۇلۇغ بايقاشلارغا ئېرىشكەن. بىراق، ئۇ ئىنتايىن ئاز ماقالە ئېلان قىلغان، ئاساسەن دوستلىرى بىلەن قىلىشقان خەت-ئالاقىدە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئاشكارىلىغان، فېرمات ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى فېرماتنىڭ خاتىرىسى ۋە تەستىقىي ئىزاھلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى قازىدۇ، بەختكە يارىشا فېرماتتا» كىتاب ئوقۇغاندا قەلەم تەۋرىتىدىغان «ئادەت بار بولۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇنى-بۇنى سىزىپ يېزىپ قويغان، بەتنىڭ ھاشىسىغا بەرگەن باھاسىنىمۇ پۈتۈپ قويغان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدىن سىرتقى چاغلاردا ماتېماتىكا بىلەن مەشغۇل بولغان ھەمدە مول نەتىجە قازانغان. كېيىنكى ماتېماتىكلار ئۇنىڭ نۇرغۇن قىياسلىرى ۋە دادىل ئىجادىيەتلىرىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشىپ، ئۇنى» ئىشتىن سىرتقى ماتېماتىكلار پادىشاھى» دەپ تەرىپلەشكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏