چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «يەنىمۇ قاتتىقراق گۈرۈلدىسۈن بوران!» گوركىي (1868-1936- يىللار) نەسرىي شېئىرى «بورانقۇش قوشىقى» دا پرولېتارىياتنى بوران-چاپقۇن بىلەن ئېلىشىۋاتقان بورانقۇشقا ئوخشىتىپ، كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرىدىغان ئىنقىلابقا ئۈنلۈك چاقىرىق قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى باتۇر، ئۈمىدۋار «بورانقۇش» نىڭ ئۆزى شۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گوركىي

خەنزۇچە ئىسمى :玛克西姆·高尔基

باشقا نامى :玛克西姆·高尔基

دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە فېدېراتسىيەسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1868-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1936-يىلى

كەسپى :يازغۇچى، شائىر

شەخىس ھەققىدە 

گوركىي«يەنىمۇ قاتتىقراق گۈرۈلدىسۈن بوران!» گوركىي (1868-1936- يىللار) نەسرىي شېئىرى «بورانقۇش قوشىقى» دا پرولېتارىياتنى بوران-چاپقۇن بىلەن ئېلىشىۋاتقان بورانقۇشقا ئوخشىتىپ، كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرىدىغان ئىنقىلابقا ئۈنلۈك چاقىرىق قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى باتۇر، ئۈمىدۋار «بورانقۇش» نىڭ ئۆزى شۇ. ئۇ پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، ئاممىۋى نامايىشلارغا قاتنىشىپلا قالماستىن، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى يېزىپ، خەلقنى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغان، يەنە ئېسىل ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق روسىيە پرولېتارىياتى ۋە ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كونا دۇنيانى گۇمران قىلىپ، يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پرولېتارىيات ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى ئېراسىنى ئاچقان. 

گوركىي بىر ياغاچچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا-ئانىسى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، بالىلىق ۋاقتىدا بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاران ئىككى يىللا ئوقۇغان، موزدۇز، بولكىچى، پورت ئىشچىسى بولغان، لېكىن كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، تىرىشىپ ئۆگىنەتتى. كېيىن، ئۇ ئىلغار زىيالىيلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتناشقان، ئىنقىلابىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، بۇلار گوركىي ئۈچۈن ھەقىقىي «ئالىي مەكتەپ» بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏