چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋاڭ ۋېي (701-761-يىللار ياكى 699-761-يىللار ) نىڭ دەسلەپتە تۇرمۇشى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن، لېكىن ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇۋەتكەن. توپىلاڭ تىنچىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنسىپى بىر مەزگىل تۆۋەنلەپ كەتكەن، كېيىن يەنە دىۋانبېگى ئوڭ قول ۋەزىرى بولغان، شۇڭا، كېيىنكىلەر ئۇنى «ئوڭ قول ۋەزىر ۋاڭ ۋېي» دەپ ئاتاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋاڭ ۋېي

خەنزۇچە ئىسمى :王维

باشقا نامى :王右丞

تۇغۇلغان ۋاقتى :701-يىلى ياكى 699-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :761-يىلى

شەخىس ھەققىدە 

ۋاڭ ۋېيسۇ شى: «شېئىرىدىن سۈرەت چىقىدۇ»، «سۈرەتلىرىدىن شېئىر چىقىدۇ» دەپ ماختىغان تاڭ دەۋرىدىكى شائىر ۋاڭ ۋېي شېئىر ئىجادىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپلا قالماستىن، يەنە رەسىم سىزىشقىمۇ ماھىر، مۇزىكىغىمۇ ئۇستا ئىدى، ئۇ جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى كۆپ تەرەپلىمە تالانتى بار شائىر. 

ۋاڭ ۋېي (701-761-يىللار ياكى 699-761-يىللار) نىڭ دەسلەپتە تۇرمۇشى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن، لېكىن ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى ئۇنىڭ تىنچ تۇرمۇشىنى بۇزۇۋەتكەن. توپىلاڭ تىنچىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنسىپى بىر مەزگىل تۆۋەنلەپ كەتكەن، كېيىن يەنە دىۋانبېگى ئوڭ قول ۋەزىرى بولغان، شۇڭا، كېيىنكىلەر ئۇنى «ئوڭ قول ۋەزىر ۋاڭ ۋېي» دەپ ئاتاشقان. 

ۋاڭ ۋېينىڭ ئىدىيەسىنى جاڭ جيۇلىننىڭ ۋەزىر بولۇشىنى چەك قىلىپ، ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئالدىنقى دەۋردىكى ئەسەرلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىيپەرۋەر سىياسىيغا ئىنتىلىش ئەكس ئېتىپ، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتىكى بەزى نامۇۋاپىق ھادىسىلەرگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىنقى دەۋردە بەزى رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنى يازغان. مەسىلەن: «تۆت دانىشمەنگە بېغىشلاپ، پېشقەدەم ئەسكەر، ئوۋ كۆرۈش، چېگرىغا ھال سوراپ بارغاندا، ئۆسمۈرلۈك» قاتارلىقلارنىڭ ئۇسلۇبى كۈچلۈك، كەيپىياتى جۇشقۇن، تۆھپە قوشۇش ئىدىيىسى بىلەن رېئاللىقنى تەنقىد قىلىش روھىغا تولغان. كېيىنكى دەۋردە توپىلاڭغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن، سىياسىي جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بارغانسېرى چۈشكۈنلەشكەن، بۇددا دىنى ۋە تاغ-دەريالاردىن مەدەت تىلىگەن، شېئىرلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ بىرقەدەر چۈشكۈنلىشىپ، پوزىتسىيىسى سوغۇقلىشىپ كەتكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏