چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە، يەر شارى دا بىر پارچىلا قۇرۇقلۇق بار ئىدى، نەچچە 100 مىليون يىللىق ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ھازىرقى مۇشۇ ھالەتكە كەلدى. مۇشۇنداق چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشتە، گېرمانىيە لىك گېئولوگ ۋېگنېر (1880-1930) ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋېگنېر

خەنزۇچە ئىسمى :阿尔弗雷德·魏格纳

باشقا نامى :Alfred Lothar Wegener

دۆلەت تەۋەلىكى :گېرمانىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1880-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1930-يىلى

كەسپى :گېئولوگ

شەخىس ھەققىدە 

ۋېگنېريەر شارى دىكى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە دىن ئىبارەت بەش ماتېرىك (چوڭ قۇرۇقلۇق) قانداق شەكىللەنگەن؟ پەن ساھەسىدىكىلەر ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش، مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق، كۆپ سانلىقلار ماقۇللايدىغان مۇنداق جاۋابنى ھاسىل قىلدى: يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە، يەر شارىدا بىر پارچىلا قۇرۇقلۇق بار ئىدى، نەچچە 100 مىليون يىللىق ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ھازىرقى مۇشۇ ھالەتكە كەلدى. مۇشۇنداق چۈشەنچىنى شەكىللەندۈرۈشتە، گېرمانىيىلىك گېئولوگ ۋېگنېر (1880-1930) ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۇ بۇ تەلىماتقا ئىسپات تېپىش ئۈچۈن، تا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغانغا قەدەر كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشكە ۋە ئېكسپېدىتسىيىگە بارغان.

ۋېگنېر ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپلا يەر شارىنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قىزىقاتتى ھەم تەكشۈرۈش داۋامىدا تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلاتتى. 1906-يىلى، يۇقىرى بوشلۇقنىڭ ھاۋا رايىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ شارغا ئولتۇرۇپ 52 سائەت ئۇچۇپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى. 1910-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تامغا ئېسىلغان خەرىتىگە ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ، جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئىزنالارنىڭ ئىنتايىن ئوخشىشىدىغانلىقىنى، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى شەرقىي دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئافرىقىدىكى غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئويمان-دۆڭلەرنىڭ بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى، بىرگە جىپسىلاشتۇرسىلا بىر بولۇپ كېتىدىلىدىغانلىقىنى توساتتىن بايقايدۇ. بۇ بايقاش ئۇنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرۇۋېتىپ، بىر قاتار سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ بۇلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا «ماتېرىكنىڭ سىلجىشى» دېگەن غەلىتە ئوي پەيدا بولىدۇ. ئۇ مۇشۇ تەسەۋۋۇر بويىچە گېئولوگىيە ۋە جۇغراپىيىدىن ئىسپات ئىزدەشكە باشلايدۇ، ھەربىي سەپكە بېرىپ 1-دۇنيا ئۇرۇشى غا قاتناشقان مەزگىلدىمۇ تەتقىقاتنى توختاتمايدۇ، 1915-يىلى ۋېگنېر برازىلىيە بىلەن ئافرىقىنىڭ ناھايىتى بۇرۇن تۇتىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پالېئونتولوگىك ئىسپاتنى تاپىدۇ، بۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏