چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنى خاتىرىلىمەكچى بولساڭلار، ھەيكەل ياسىماڭلار، ئابىدە تىكلىمەڭلار، ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزمەڭلار، مەن ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتىمۇ تۇرماڭلار، بەلكى مېكسىكىنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن بىر سائەت ئارتۇق ئىشلەپ قويۇڭلار.» بۇ ئۆزگىچە ۋەسىيەت مېكسىكىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىئون كاردېناسنىڭ يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كاردېناس

خەنزۇچە ئىسمى :卡德纳斯

دۆلەت تەۋەلىكى :مېكسىكا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1895-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1970-يىل 10-ئاينىڭ 19-كۈنى

كەسپى :زۇڭتۇڭ، سىياسىئون

شەخسلەر ئانكىتى

كاردېناس (1895-1970-يىللار) ئىلگىرى مەتبەئە ئىشچىسى بولغان. 20 ياشقا كىرمەستىلا مۇستەبىتلىككە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى سېتىشقا قارشى ئىنقىلابقا قاتناشقان. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئارمىيەدىكى ھەربىي ئۇنۋانى ئەڭ يۇقىرى گېنېرال مايور بولۇپ قالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏