چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كومېنسكىي (1592-1670) چېخلىق ئۇلۇغ پېداگوك، فېئوداللىق جەمئىيەت يىمىرىلىشكە باشلىغان، كاپىتالىزم تازا گۈللىنىۋاتقان دەۋردە ياشىغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كومېنسكىي

خەنزۇچە ئىسمى :约翰·阿摩司·夸美纽斯

دۆلەت تەۋەلىكى :چېخ

مىللىتى :موراۋىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1592-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1670-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

كەسپى :پېداگوگ، ئوقۇتقۇچى، يازغۇچى، پەيلاسوپ

چەتئەلچە نامى :Jan Amos Komenský

شەخسلەر ئانكىتى

چېخلىق ئۇلۇغ پېداگوگ كومېنسكىي (1592-1670) فېئوداللىق جەمئىيەت يىمىرىلىشكە باشلىغان، كاپىتالىزم تازا گۈللىنىۋاتقان دەۋردە ياشىغان. ئۇ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات مەيدانىدا تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كونا مائارىپنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلغان ھەمدە بىر يۈرۈش يېپيېڭى مائارىپ ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «بۈيۈك ئوقۇتۇش نەزەرىيەسى» دېگەن كىتابنى يازغان، يەنە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى قىستۇرما رەسىملىك كىچىك قامۇس − «دۇنيانى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش» دېگەن كىتابنى، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مائارىپى قوللانمىسى «ئانا تەربىيەسى مەكتىپى» دېگەن كىتابنى تۈزگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏